Русские видео

Сейчас в тренде

Иностранные видео


Скачать с ютуб Ilaxun (Kokkoz) oghli Yarullam dadisi heqqide... в хорошем качестве

Ilaxun (Kokkoz) oghli Yarullam dadisi heqqide... 10 лет назад


Если кнопки скачивания не загрузились НАЖМИТЕ ЗДЕСЬ или обновите страницу
Если возникают проблемы со скачиванием, пожалуйста напишите в поддержку по адресу внизу страницы.
Спасибо за использование сервиса savevideohd.ru



Ilaxun (Kokkoz) oghli Yarullam dadisi heqqide...

(1866-1970) ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ھازىرغىچە جاراڭلاپ كېلىۋاتقان: تەلكىنىڭ داۋانىدىن، كارۋان توختىماي ئۆتتى. سۇلايمان يىغلىغان بىلەن، ئېلاخۇن يىغلىماي ئۆتتى. دېگەن ناخشىنىڭ ئىجادچىسى ئېلاخۇن(لەقىمى كۆككۆز)تەخمىنەن 1866 - يىللىرى غۇلجا شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە مۇقامچى تىلىۋالدى ئاخۇن ئاىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1836-يىللىرى تۇرپاندىن 10 يىللىق سۈرگۈندىن خالاس بولغان خالزاتخان ئاخىرى تەيچىلىك مەنسىپىگە ئېرىشىپ، تۇرپاندىن ئىلىغا مېڭىش ۋاقتىدا قەشقەرلىك ئاتاقلىق مۇقامشۇناس ھۈسىيىنخان(پەيزى)ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھېلىم ئاخۇن ھەم سېلىم ئاخۇنلارنى ئۆزى بىلەن بىللە ئىلىغا ئېلىپ بارغان ۋە قازانچى مەھەللىسىگە ماكانلاشتۇرغان. موشۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازانچى مەھەللىسى بىر مەزگىل مۇقامچىلار مەھەللىسىگە ئايلانغان. تىلىۋالدى ئاخۇن ئاكا مۇقامنى ئەنە شۇ مەزگىلدە ھۈسىيىنخان پەيزىدىن ئۈگەڭەن ۋە 20 نەچچە ياش ۋاقىتلىرىدا كۆزگە كۆرۈڭەن مۇقامچىلاردىن بولۇپ قالغان. ئېلاخۇن ئەنە شۇنداق سەنئەت مۇھىتى ئىچىدە دۇنىياغا كېلىپ، دادىسىنىڭ بىۋاستە تەربىيىسى بىلەن مۇقامچى بولۇپ يېتىشكەن. ئېلاخۇن مۇقامچىلىقتا ۋايىغا يەتكەن ۋاقتىدا دادىسى تىلىۋالدى ئاخۇن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئاىلىنىڭ ئېغىر يۈكى ئۈستىگە يۈكلەڭەن ئېلاخۇن ئىش-ئوقەت بىلەن بولۇپ، بىر مەزگىل مۇقامچىلىقتىن قالىدۇ. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن مۇقام ئېيتىش ئورنىغا جەڭگىۋارلىق بىلەن تولغان ئىلى خەلىق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇپ، ئىلى رايونىدا داڭ چىقىرىدۇ. شۇ مەزگىللەردە ئىلىدا ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىغا قارشى خەلىق قوزغىلاڭلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىدۇ. ئېلاخۇن بۇنداق خەلىق قوزغىلاڭلىرىغا چوڭقۇر ھېسسىداشلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ زۇلۇمغا قارشى كۆپلىگەن قوشاقلارنى ئىجاد قىلىپ، ئۆزى ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىدۇ. شۇنداق ئۇ ھەم قوشاقچى ھەم ناخشىچى بولۇپ تونۇلىدۇ. ئۇ شۇ مەزگىللەردە: قەشقەردىن ئادەم چىقسا، تۇتىدۇ چىقىپ چىرىك. ئۇقماستىن يېنىپ قويسا، كۆمىدۇ گۆرگە تىرىك... دېگەڭە ئوخشاش جەڭگىۋار قوشاقلارنى تۈزۈپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇستەبىت كۈچلەر ئۇنى يوقىتىشنىڭ قەستىگە چۈشىدۇ. 1924-يىلى زالىم ياڭ زېڭخىن ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىر قىسىم ئىلغار كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلايدۇ. شۇ قاتاردا ئىلىدىن ئېلاخۇن ۋە ئۇنىڭ دوستى سۇلايماننى تۇتۇپ ئۈرۈمچىگە پالاپ، ئۈرۈمچىدىكى جاڭجۈن يامۇلى ئالدىغا تۆمۈر قەپەزگە سېلىپ ئېسىپ قويىدۇ. 1928-يىلى 7-ئىيۇل ياڭ زېڭخىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ھاكىمىيەت بېشىغا جىڭ شۇرەن چىققاندىن كېيىن، ئېلاخۇن تۈرمىدىن چىقىپ، تېكەسكە كېتىدۇ ۋە ئۇ يەردە يەر ئېچىپ، باغ بىنا قىلىپ ھايات كەچۈرىدۇ.

Comments