Русские видео

Сейчас в тренде

Иностранные видео


Скачать с ютуб ئەر- خوتۇنلارنىڭ كوچىلاردا قول تۇتۇشۇپ مېڭىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ в хорошем качестве

ئەر- خوتۇنلارنىڭ كوچىلاردا قول تۇتۇشۇپ مېڭىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ 1 месяц назад


Если кнопки скачивания не загрузились НАЖМИТЕ ЗДЕСЬ или обновите страницу
Если возникают проблемы со скачиванием, пожалуйста напишите в поддержку по адресу внизу страницы.
Спасибо за использование сервиса savevideohd.ru



ئەر- خوتۇنلارنىڭ كوچىلاردا قول تۇتۇشۇپ مېڭىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

ئەسلىدە ئەر كىشى يولنى كېسىپ ئۆتۈش، قىستاڭچىلىق، يولنىڭ ئېگىز – پەسلىكى، بىر يەردىن چىقىپ – چۈشۈش قاتارلىق قوغداش ۋە ئاسراش مەقسەت قىلىنغان ئىشلاردا ئايالىنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىش ياكى يۆلۈۋېلىشقا بىرەر ئېھتىياج تېپىلغان ئەھۋاللاردا قول تۇتۇۋېلىش چەكلىنىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى تېخى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ، كوچىدا ئاياللارغا چاقچاق قىلىدىغان بەزى ئەخلاقسىز كىشىلەر بولغان ئەھۋالدا تېخىمۇ شۇنداق. بۇ ھەقتە، ئەھلى ئىلىملىرىمىزدە باشقىچە قاراش بولۇشىمۇ ناتايىن. يۇقىرىقى قارىشىمىزنى تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ كۈچلەندۈرىدۇ: ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «مەن كەئبەگە كىرىپ ناماز ئوقۇشنى ياقتۇراتتىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قولۇمدىن تۇتۇپ مېنى ھىجر (كەبىنىڭ يېنىدىكى پاكار تاملىق ھويلا) غا ئەكىردى ۋە: ‹ئى ئائىشە! سىزنىڭ قەۋمىڭىز كەئبەنى بىنا قىلغاندا چىقىمىغا يېتىشەلمەي، ھىجرنى كەئبەدىن چىقىرىۋەتكەن. شۇڭا، كەئبەدە ناماز ئوقۇماقچى بولسىڭىز ھىجردا ئوقۇڭ. چۈنكى، ئۇ كەئبەنىڭ بىر قىسمى› دېدى».(1) بۇ ھەدىستىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كەئبە ئەتراپىدا ھەزرىتى ئائىشەنىڭ قولىنى تۇتۇپ ھىجرغا ئەكىرگەنلىكى مەلۇم. بۇ، كىشىلەر كۆپ بولىدىغان، قىستاڭچىلىق بولىدىغان ئورۇنلىقى ھەممىگە مەلۇم. تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ مۇشۇنىڭغا يېقىن مەزمۇننى كۆرسىتىدۇ: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆگىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، تىزىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى، سەفىييەنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ تىزىغا پۇتىنى قويۇپ تۆگىگە مىنگەنلىكىنى كۆردۈم».(2) خەلىفەلەردىن ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن بەزى سوت ۋە نىكاھ سورۇنلىرىدا، ئەرگە: «ئايالىڭنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئەكەتكىن» دېگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ.(3) يۇقىرىقىلاردىن، قول تۇتۇشۇپ مېڭىشنىڭ ئۆزىنى كافىرلارغا خاس ئادەت دەۋېتىشكە بولمايدىغانلىقى ئېنىق چىقىپ تۇرىدۇ. سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئىلخەتكە ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ: ئېلخەت: [email protected] ۋاتسئاپ: 00905511745625 https://chat.whatsapp.com/JHGXHR8F8Zc... https://chat.whatsapp.com/Iu3jcXBTH2D... https://chat.whatsapp.com/IIS1mKtrIok... https://chat.whatsapp.com/3ZdsGZEgdd5... تېلېگرام قانىلى: https://t.me/EastTurkistans جاۋابلار ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى https://sajiya.biz/ دە ئېلان قىلىنىدۇ. ھ. 1443 / م. 2022 ھ.1443 / م.2022 رامازاندا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب https://sajiya.biz/?p=8475&uls=uu

Comments